خىتاي 40 دۆلەتكە <<شىنجاڭدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ نەتىجىلىرىنى» كۆرسەتكەن.
مارتنىڭ 23-كۈنى <<人民日报>> ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،»شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ تەشكىللىشىدە 40 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى، دېپلوماتلىرى، خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى 20-مارت بېيجىڭدا «شىنجاڭ» ھەققىدە يىغىن چاقىرىپ «رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ نەتىجىلىرى»نى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇلار «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ھېكايىلىرىنى ئورتاقلاشقان».
ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا، بۇ 40 دۆلەتنىڭ قانداق شەكىلدىكى بىر «ئىنسان ھەقلىرى» ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقى نامەلۇم. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 2016-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن خەۋەرسىز بولۇشلىرى ناتايىن.