خىتاي ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كەيجى فۇرۇياغا جازا ئېلان قىلدى
مارتنىڭ 30-كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى 20-نومۇرلۇق بۇيرۇق چىقىرىپ، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى ئاساسىي قانۇننى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى, ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان پارتىيەلەر ئارا گۇرۇپپا «ياپونىيە-تەيۋەن پارلامېنت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى, ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كېيجى فۇرۇيا (Keiji Furuya)غا قارشى تەدبىر قوللىنىش قارارىنى ئېلان قىلدى.
.
قاراردا مۇنداق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان:
.
<<فۇرۇيا جۇڭگونىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي، تەيۋەنگە قايتا-قايتا زىيارەت قىلغانلىقى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۆت سىياسىي ھۆججەتنىڭ روھىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ﺋﯜﭼﯜﻥ جۇڭگو «ﺟﯘﯕﺨﯘﺎ خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەل جازالىرىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ 3، 4، 6، 9 ۋە 15-ماددىلىرىغا ئاساسەن، كېيجى فۇرۇياغا قارشى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلدى:
.
1. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻣﯜﻟﻜﻰ، ﻛﯚﭼﻤﻪﺱ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺶ،
2. ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ، ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﺍ، ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎ’ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ؛
3. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﯨﺰﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ (ﺧﻮﯕﻜﻮﯓ ﯞﻩ ﻣﺎﻛﺎﯞﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ).>>