«خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى»نىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە
مەركىزى لوندۇندا بولغان <<Impact international>>نىڭ 11-ئاپرىلدىكى «خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى: ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى بارغانسىرى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ دىگىتال نازارەت سىستېمىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ھالقىپ، دۇنيا مىقياسىغا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان يۇقۇرى تېخنىلوگىيەلىك تەقىپ سىستېمىسىنىڭ ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقانلىقى، دۇنياۋىي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ بارغانسىرى كۈچلۈك تەھدىتگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مىساللىرى بىلەن بايان قىلىنغان.
دوكلاتنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://impactpolicies.org/news/875/chinas-surveillance-empire-uyghur-repression-fuels-global-tech-backlash-now