خىتاي لوندۇندا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانىسىنى قۇرالامدۇ؟
خىتاي ھاكىمىيىتى لوندۇننىڭ مەركىزىدە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ۋە زامانىۋى ئەلچىخانىسىنى قۇرۇش ئۇرۇنۇشىدا بولۇپ كەلگىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ئەن´گىلىيە پارلامېنتىدىكى بىرقىسىم كىشىلەر، ئۆكتىچى كۈچلەر، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، يەرلىك پۇخرالار تالاي قېتىم نامايىشلار قىلىپ، ئەن´گىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاينىڭ لوندۇندا قۇرماقچى بولغان ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولۇپ قېلىشى مۈمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر ئاز بولمىسىمۇ، ئەن´گىلىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تولۇق رەت قىلمىدى. ئەن´گىلىيە تۇرالغۇ مىنىستىرلىكى ئەسلىدە 9-سىنتەبىر قارار چىقىرىشى كېرەك بولغان بۇ تۈرنى، يەنە بىرقېتىم 20-ئۆكتەبىرگە كېچىكتۈردى.