خىتاي تەيۋەنلىك 3 ئەمەلدارغا جازا ئېلان قىلدى
يانۋارنىڭ 7-كۈنى خىتاي ھاكىمىيىتى تەيۋەن ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى چېن شۇيى ( 陈舒怡), تەيۋەننىڭ ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى ليۇ شىفاڭ (刘世芳), تەيۋەننىڭ مائارىپ مىنىستىرى جېڭ يىڭياۋ ( 郑英耀)لارغا مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا، خوڭكوڭغا، ماكاۋغا كىرىشىنى چەكلىگەن ۋە بۇ رايونلاردىكى ئالاقىسىنى كەسكەن.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر 14 نەپەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچى ۋە 12 نەپەر شېرك بولغۇچى ئۈستىدىن جازا ئېلان قىلغان.