خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايانلىرىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغان 9 نەپەر ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىغا خىتاينىڭ چىدىيالماي قالغانلىقى ئىپادە قىلىنغان.
يانۋارنىڭ 23-كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ داۋاملىق قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.