خىتاي بارغانسىرى يېتىملىك چەمبىرىكىگە سولانماقتا – «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك»

خىتاي بارغانسىرى يېتىملىك چەمبىرىكىگە سولانماقتا – «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك»
ۋاڭيى ياۋروپاغا قاراتقان 7 كۈنلىك سەپىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمدە بېلگىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ يۇقۇرى قاتلام رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئاخىرقى تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى، يەنى Donald Trump نىڭ يۇقۇرى تاموجنا بېجىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، خىتاينى بارغانسىرى چەتكە قېقىلىشتىن ساقلاپ قېلىشنى مەقسەد قىلغان.
بىراق، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ سەپەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۈچۈن خەيىرلىك بىر سەپەر ھېسابلانمايدىكەن. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچ مەنبەسى بولغان بېلگىيە، فرانسىيە، گېرمانىيەلەر خىتايدىن تەدرىجى ئۇزاقلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللاپ بولغان.
9-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان يۇقۇرى تاموجنا بېجى رەسمى ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت خىتاينى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقلاردىن ئۇزاقلىشىشقا مەجبۇرلايدىكەن.
«ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك، 1-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، ھىندىستان، ياپونىيەدىن ئىبارەت 4 دۆلەتنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىر ئارىغا كېلىپ، ھىندى-تېنىچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن. 4 تەرەپ ھەرساھە ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدا ئەمەلىي كېلىشىملەر تۈزۈشكە باشلىغان.
Ist möglicherweise eine Abbildung von 1 Person

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ماگيارنىڭ غەلىبىسى, كىملەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى؟

ماگيارنىڭ غەلىبىسى, كىملەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى؟ ئاپرىلنىڭ 12-كۈنىدىكى ۋېنگىرىيەنىڭ سايلام نەتىجىسىدە، 16 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ۋىكتور ئورباننىڭ مەغلۇپ بولۇپ، پېتېر ماگيارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ماگيارنىڭ غەلىبىسى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺗﺒﯘ’ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ 11-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﻭﻛﻼﺕ»

خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە

«خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى»نىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە مەركىزى لوندۇندا بولغان <<Impact international>>نىڭ 11-ئاپرىلدىكى «خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى: ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى بارغانسىرى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا ئاپرىلنىڭ 9-كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزالارنى يىغىۋېلىشغا ئائىت يېڭى دەلىللەر توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتناشتى. يىغىن

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 100.000 (يۈزمىڭ) كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچكىي ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار گۇۋاتېمالادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ «تور بىخەتەرلىكى