خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 2025-يىللىق ئېشىشى قانداق ۋۇجۇدقا چىقتى؟
رويتېرس، بىرلەشمە ئاگېنتلىق ۋە بلومبېرگنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ 2025-يىللىق ئېكىسپورتتىن قولغا كەلتۈرگەن سودا بالانىسى 1 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، رېكورت ياراتقان.
ئامېرىكانىڭ تاموجنا باج سىياسىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان خىتاي، بۇ ئېشىشنى قانداق قولغا كەلتۈردى؟
خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، 2025-يىلى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىتا ئېكىسپورت مىقدارى 20% تۆۋەنلىگەن. ئەمما ئافرىقىغا قارىتا ئېكىسپورت مىقدارى 26%، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 13%، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 8%، لاتىن ئامېرىكىسىغا 7% ئېشىپ، ئامېرىكىدىن تارتقان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، يەنە ئارتۇق پايدا ئالالىغان.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانغان تاۋارلىرىنىڭ تەننەرقىنىڭ مەقسەدلىك ھالدا قەستەن تۆۋەنلىتىلىشى، يەنە بىرسى، ئامېرىكا پرىزدېنتىنىڭ خىتايغا قاراتقان تاموجنا باج سىياسىتىدىكى يالغۇزلۇقتۇر. بۇلار خىتاينىڭ 2025-يىلى ئېكىسپورتتا نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.
بۇنىڭدىن ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنى يېنىغا تارتىشىنىڭ زۆرۈرلىكى مەلۇم.