خىتاينىڭ ھىكۋىسىئون شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى كانادا ئۈچۈن تەھدىت

خىتاينىڭ Hikvision شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى كانادا ئۈچۈن تەھدىت
دۆلەت پوچتىسى (National Post)نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ Hikvision شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ (2022-يىلىدىكى دۆلەت ئىستىخپارات ئورگانلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي) كانادادا مەۋجۇدلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ، كانادانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھەسسە قېتىش بىلەن ئەيىپلىنىپ كەلگەن مەزكۇر شىركەت ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلانغان، ئۇنىڭ كامېرالىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە سۆكۈپ ئېلىۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ھازىرمۇ كانادادا داۋاملىق مەۋجۇد بولىشى كانادا خەلقى ئۈچۈن خەتەرلىك.