خىتاينىڭ سېرەك توپا مونىپوللىقى ئاخىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى
خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان سېرك توپا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 70% ئىنى ۋە ئۇنى ئايرىشنىڭ 90% ئىدىن ئارتۇقىنى مونۇپولى ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ گېلىنى بوغۇش كوزۇرى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
بۈگۈنكى «wallstreet»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، غەرب دۆلەتلىرى 2026-يىلى خىتاينىڭ سېرەك توپىسىغا باغلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى تاپقان. بۇ قۇرۇلۇش ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تۇتاشقان بولۇپ، سېرەك توپا قېزىپ ئېلىشتىن، ئۇنى ئايرىشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى قۇرۇلغان.
بۇ ھەقتە «wallstreet» مۇنداق بايان قىلىدۇ: «2026-يىلى تارىخىي بىر بۇرۇلۇش روياپقا چىقتى. گەرچە خىتاي يەنىلا ئەڭ چوڭ سېرەك توپا ئىشلەپچىقارغۇچى بولسىمۇ، بىراق دۇنيا ئىقتىسادىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى. غەرب دۇنياسى يېڭى كانلار، يەرلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنىكىلىق ئىجادچانلىقنىڭ بىرلىشىشىدىن ۋۇجۇدقا چىققان بىخەتەر بىر تور بەرپا قىلدى. خىتاينىڭ ئېكىسپورت چەكلىمىسى ۋاقتىنچە ئازاپلىق باھا زەربىسى بولالىشى مۈمكىن، ئەمما ئەمدى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەجەللىك زەربە بولالمايدۇ. بېيجىڭنىڭ «سۇنى بېشىدىن بوغۇش» تاكتىكىسى، بىرقانچە يىل ئىلگىرىكىدەك ئاپەت خاراكتېرلىق ئاقىۋەت يارىتالمايدۇ».