خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ياۋروپا
ئۆكتەبىرنىڭ 15-كۈنى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا سودا قىزىل رەقىمى مەسىلىسىنى تېما قىلغان يىغىن ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، 13-ئۆكتەبىر ۋارشاۋا بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە سۆز قىلغان تەيۋەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جىئالوڭ خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋېتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
«خىتاينىڭ مۇستەبىت ئىدىيەسى بىلەن ياۋروپانىڭ دېموكراتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى تۈپتىن ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن، خىتايغا تايىنىش پەقەت ئىقتىسادىي خەتەرلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپانىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.»
«تەمىنلەش زەنجىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ياۋروپا — ئۆز ئەركىنلىكىنىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچكەن ياۋروپادۇر.»
