خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا
خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك ياپونىيە شىركەتلىرىدىن 180 مىليون پارچە ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى كۆرىۋاتقان چېغىمىزدا، بۇ خىل ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنىمۇ نىشان قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
.
گېرمانىيەدىكى بىر كىشىنىڭ قول تېلېفونى 17-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ Shantou دېگەن يېرىدىن قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا مۇرەككەپ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان. Google نىڭ گېرمانچە يوللىغان خېتىدا، «ۋىرۇسلارنى دەرھال ئۆچۈرۈڭ: ئەگەر بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىسىڭىز، بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىڭىزغا كىرىش ھوقۇقىڭىزدىن مەھرۇم قېلىشىڭىز، رەسىملىرىڭىز ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز توردا ئېلان قىلىنىشى ۋە كىرىدىت كارتىڭىزدىن رۇخسەتسىز پۇل ئېلىنىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
ئۇ كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ بانكا ھېسابىدىن 5 قېتىم پۇل تارتىلغان. ئەمما بانكىنىڭ رەت قىلىشى بىلەن مەقسىدىگە يېتەلمىگەن. ئۇنىڭ تېلېفونى ھازىرمۇ ئەسلىگە كەلمىگەن. ئانتىۋىرۇس پروگراممىلىرى بۇ ۋىرۇسنى تازىلىيالمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى زۆرۈردەك.