خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى
خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئامېرىكىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى «گۈزەل ھايات»، «يۈكسەك تەرەققىيات»نى سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىپ، ئامېرىكانى خۈنۈكلەشتۈرۈشنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پەرداشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.