خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنياۋىي يىتەكچى كۈچ بولالماسلىقىدىكى 3 ئامىل
فرانسىيە «دۇنيا» گېزىتىنىڭ 6-سىنتەبىردىكى «خىتاي ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنياۋىي قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنالمايدۇ» ناملىق ماقالىسىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئىگىلىيەلمەسلىكىگە سەۋەب بولىدىغان 3 ئامىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلار:
بىرى، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە 40 يىل تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، 2021-يىلى تورمۇزغا دەسسىدى. سەۋەبى 2019-يىلى ۋۇخەندىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى ۋە زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ قامال قىلىنىشى خىتاي ئىقتىسادىنى چۆكتۈردى.
ئىككىنچىسى، سىياسىي جەھەتتە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن كارخانىلار ئارىسىدىكى باغ ئۈزۈلۈپ، ھەممە بېيجىڭغا ماسلىشىشقا مەجبۇر بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. سىياسەت ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى بوغدى.
ئۈچۈنچىسى، نوپۇس قېرىدى ۋە تىز سۈرەتتە ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 20% تىن ئېشىپ كەتتى.
بۇ ماقالىدا، خىتاينىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقان ئىقتىسادى كىرىزىسىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانغان ئەرزان تاۋارلارنى دۇنياغا تۆكمە قىلىپ سېتىش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
