خىتاينىڭ ئافرىقىغا ئاپەت كەلتۈرىۋاتقان ئىشەك سودىسى

خىتاينىڭ ئافرىقىغا ئاپەت كەلتۈرىۋاتقان ئىشەك سودىسى
.
ئىنسانپەرۋەرلىك شۇئارلىرى ياڭراپ تۇرىدىغان بۇ دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان مىللەتلەرگە ئىگە چىقىدىغان تەشكىلاتلاردىن، ھايۋانلارغا ئىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېرىشىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ سانىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپلىكى ھەممىگە مەلۇم.
خىتاينىڭ ئەسلىدىكى ئاساسلىق ئىشەك مەنبەسى شەرقىي تۈركىستان بولۇپ، مەركىزى ئەنگىلىيەدە بولغان «ئىشەك قوغدىغۇچىلار» (Donkey Sanctuary) ناملىق تەشكىلاتنىڭ يېڭى مەلۇماتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى ئىشەكلەرنىڭ سانى 1992-يىلىدىكى 11 مىليوندىن 2023-يىلىغا كەلگەندە 1 مىليون 500 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن خىتايلارنىڭ ئىشەك سودىسى ئافرىقىغا يۈزلىنىپ، ئافرىقىدا ئىشەك بازىرىنىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتكەن.
مەلۇماتتا خىتايلارنىڭ ئىشەك تېرىسى يىلىمىدىن خىتايچە داۋالاشقا كېرەكلىك ئەتىۋارلىق دورا ياسايدىغانلىقى، بۇ دورىنىڭ «قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قېرىشنى تىزگىنلەش، ھورمۇن كۆپەيتىش ۋە تۇغۇت نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش رولى بار» دەپ قارايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي خېرىدارلىرىنىڭ تەلىبىگە بىنائەن 2024-يىلى ئافرىقىدا 5 مىليون 900 مىڭ ئىشەك ئۆلتۈرۈلگەن. 2027-يىلىغا بارغاندا، بۇ سان 6 مىليون 800 مىڭغا يېتىدىكەن. بۇ ئىشەكلەرنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن ئىكەن.
ئافرىقا بىرلىكى 2025-يىلى 2-ئايدا ئافرىقا قۇرۇغلىقىدا ئىشەك تېرىسى سودىسىنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.
Ist möglicherweise ein Bild von Tier
Insights ansehen

Werbeanzeige erstellen
Gefällt mir

Kommentieren
Senden
Teilen