خىتايدا بىر كۈندە ئىككى مەغلۇبىيەت
خىتايدا يانۋارنىڭ 17-كۈنى ئىككى راكىتا قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ھەر ئىككىسى پارتلاپ كەتكەن.
مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 17-يانۋار خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاۋىئاتسىيە پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ «ئۇزۇن سەپەر-3» ناملىق ھەربىي چارلىغۇچى راكېتاسى ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى LinkSpace شىركىتىنىڭ CERES-2 ناملىق راكىتاسى بىرلا كۈندە قويۇپ بېرىلگەن.
بىراق ھەر ئىككى راكېتادىن مەسىلە چىقىپ، راكېتالار ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ بىرقانچە سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىنلا پارتلاپ كەتكەن. بۇ مەغلۇبىيەت خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تۈرلىك بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەبچى بولغان.