جەنۇبىي كورىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
.
ب د ت 2021-يىلى 3-ئايدا جەنۇبىي كورىيەنىڭ تېخنىكا ماگناتى LG گورۇھىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئەۋەتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى ئېيىتقان. بىراق LG ھازىرغا قەدەر بۇ يولدىن چېكىنمىگەن.
(Bureau of Investigative Journalism) نىڭ يېڭى دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، LG نىڭ خىتاينىڭ جاڭسۇ ئۆلكىسىدىكى باتارىيە، توڭلاتقۇ ۋە كىرئالغۇ زاۋۇتلىرىدا ھېلىھەم ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز ئىشچىلار ئىشلىمەكتە ئىكەن.
يېقىندا بىر قازاق ئىشچى زاۋۇتنىڭ كۆرۈنۈشىنى تورلارغا يوللاپ دىققەت قوزغىغان. جاڭسۇدىكى قۇل ئىشچىلار شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇرىي خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن مىڭلىغان ئىشچىلارنىڭ پەقەت بىر قىسمى ئىكەن.
