جون مولېنار پرىزدېنت ترامپتىن ۋىژدان مەھبۇسلىرىغا ئىگە چىقىشنى تەلەب قىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولېنار (John Moolenaar) پرىزدېنت ترامپ ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو روبىيو (Marco Rubio)غا يازغان خېتىدە، كەلگۈسىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق ئۇچرۇشۇشتا خىتايدىكى ۋىژدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
ئۇ خېتىدە، دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر،خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر، فالۈڭوڭچىلار ۋە خىتايدىكى خىرىستىيان مۇردلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ سىستېمىلىق زىيانكەشلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://chinaselectcommittee.house.gov/media/press-releases/moolenaar-sends-letters-to-president-trump-secretary-rubio-on-prisoners-of-conscience-and-hong-kong-officials?fbclid=IwY2xjawQ4mCNleHRuA2FlbQIxMABicmlkETBHYXpBMDluVGFiOXpOZkluc3J0YwZhcHBfaWQQMjIyMDM5MTc4ODIwMDg5MgABHrXYLX_SkhEoeptv3kz9Bid-dnSyWO5jUpsEfCwSCODPbfNJZUADEE7uQ8x8_aem_29IVKQi9Md7RW_drY7jXaw