تەيۋەن پرىزدېنتىنىڭ ئوغلىنى نازارەت قىلغان خىتاي قولغا ئېلىنغان
تەيۋەن پرىزدېنتى لەي چىڭدېنىڭ ئوغلىنى نازارەت قىلغان خىتاي ئايال جاڭ ۋەنيىڭ 4-ئۆكتەبىر كالىفورنىيەدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارى (FBI) تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، «خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن بىرى» دەپ قارالغان بۇ ۋەقە، ئامېرىكا ئىستىخپارات ئورگانلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان. خىتاي ھاكىمىيىتى چەت ئەلدىكى ئۆزلىرىگە ئىشلەيدىغان خىتاي پۇخرالىرى ئارقىلىق ئىلگىرى ئۆزىگە قارشى ۋە ئۆكتىچى كۈچلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە فالۈنگوڭچىلارنى ئاساسلىق نىشان قىلغان بولسا، ھازىر تەيۋەن پرىزدېنتىنىڭ ئائىلىسىگە قەدەر قول ئۇزارتىدىغان دەرىجىگە يەتكەن.
جاڭ ۋەنيىڭنىڭ خىتاينىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن تەيۋەن پرىزدېنتى لەي چىڭدېنىڭ ئوغلىنى نازارەت قىلىشىدىكى مەقسەد، ئۇنى قاچۇرۇپ گۆرۈگە ئېلىش بىلەن لەي چىڭدېغا بېسىم شەكىللەندۈرۈش ياكى ئۇنىڭ ئوغلىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، تەيۋەن ئەمەلدارلىرىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىشى مۈمكىن ئىكەن.
