«تۆمۈر قائىدىلەر» خىتاي ئارمىيەسىنى قۇتقۇزالامدۇ؟
خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى 27-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن جۇڭنەنخەينىڭ «تۆمۈر قائىدىلەر» نى بېكىتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
فرانسىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ساھەدىكى تازىلاش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاخىرقى بىرقانچە ئايلاردا شى جىنپىڭ ئۆزى تاللاپ ۋەزىپىگە قويغان يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى نەپىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغان.
«چىرىكلىك» بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان خىتاي گېنىراللىرىنىڭ ئەسلى جىنايىتى «شى جىنپىڭغا مۇتلەق ساداقەت بىلدۈرەلمىگەن»لىكتىن ئىبارەت ئىكەن. خىتاي ئارمىيەسى ئۈچۈن يېڭىدىن بېكىتىلگەن «تۆمۈر قائىدىلەر»نىڭ كېرەككە كېلىدىدىغانلىقى يەنىلا گۇمانلىق ئىكەن.