تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا
بۈگۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ دۆلەتلەردە، بۇندىن 37 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، باياناتلار ياكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىنكاسلىرى سۆز تېمىسىغا ئايلاندى.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئەركىنلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغان ئىدى. بۇنى دۇنيا بۈگۈنگە قەدەر خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
بىز ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىسىدىن ئۆچۈرمىگەن دۇنيانىڭ، 1949-يىلى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندىن بۇيان ئاخىرلاشمىغان، بولۇپمۇ 2016-يىلى قايتىدىن باشلانغان ۋە ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىمۇ ئەستە تۇتۇشىنى ۋە ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كېرەككە كېلىدىغان ئۈنۈملىك تەدبىرلەر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.