تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە چەت ئەللەردىكى تىبەتلىكلەر
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، بۈگۈن Penpa Tsering سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىگە يەنە بىر قېتىم باش بولۇپ سايلانغان. ئۇ مۇستەقىللىقنى ئەمەس، دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆپىنچە تىبەت ياشلىرى بۇنىڭغا قارشى.
چەت ئەللەردىكى تىبەتلىكلەرنىڭ سانى 150 مىڭ كىشى ئەتراپىدا بولۇپ، 91 مىڭ 42 كىشى سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. بۇ قېتىمقى سايلام 26 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان.
مەركىزى دارىمسالادا بولغان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش شىتابىدا 45 كىشى ئىشلەيدىكەن. بۇلارنىڭ 30 نەپىرى تىبەتنىڭ ئەنەنىۋى 3 ئۆلكىسىگە، 10 نەپىرى چەت ئەلدىكى 5 چوڭ دىنىي ئېقىمغا، 5 نەپىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەرگەردان تىبەتلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.