تازىلىغانسىرى چېرىكلىشىۋاتقان كومپارتىيە دۆلەتنى ۋەيران قىلىدۇ

تازىلىغانسىرى چېرىكلىشىۋاتقان كومپارتىيە «دۆلەتنى ۋەيران قىلىدۇ!»
خىتايدا بۈگۈن 26-ئۆكتەبىر باشلانغان 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ مەركىزى تېمىسى «پارتىيەنى ئومۇمىيۈزلۈك ۋە قاتتىق باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
مۇستەبىت ھۆكۈمران شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن تارتىپلا «پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ كەلگەن. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا رەھبەرلىك قىلسا، يەنە بىرتەرەپتىن كومپارتىيە، ئارمىيە ئىچىدىكى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تالايلىغان يۇقۇرى ھوقۇقتىكى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، تۈرمىلەرگە قامىغان ياكى كۆزدىن غايىپ قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، خىتاي جەمىيىتىگە ۋابادەك تارقىغان، بەلكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن چېرىكلىك، ئىككى يۈزلىمىچىلىك تۈگىمىگەن، ئەكسىچە بارغانسىرى ئەۋىج ئېلىپ كەتكەن. شىنىڭ 15 يىلدىن بۇيانقى تېرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى كۈتكەندەك بولمىغان.
بۇ قېتىم شى جىنپڭ: «ئەگەر چېرىكلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە يامرىشىغا يول قويۇلسا، بۇ مۇقەررەر ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنى ۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ!» دېيىش ئارقىلىق، پارتىيە ئىچىدىكى مەسىلىنىڭ خىتاينى ۋەيران قىلىش ئاقىۋېتىگە يەتكۈزگىدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.