بەلكىم FBI تېخىمۇ كۆپ «Lu Jianwang» لارنى تۇتقۇسى
ھارري Lu Jianwang (卢建旺) كەبى جاسۇسلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە 30 دىن ئارتۇق مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان مەلۇم. ئەمما نە ياۋروپا، نە ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ سەپتىكى جاسۇسلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرەلمىگەن ئىدى.
ماينىڭ 6-كۈنى نيۇ-يورك سوت دائىرىلىرى Lu Jianwang ۋە Chen Jinping قاتارلىقلار ئۈستىدىن رەسمىي سوت ئاچقان. ئۇلارنى «ئىجازەتسىز خىتاي ۋاكالەتچىسى بولۇش، چت ئەل جاسۇسلىقى ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن پىلان تۈزۈش، ئادالەتكە توسقۇنلۇق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلىگەن.
لۇ جىئانۋاڭنىڭ 美国长乐公会 دېگەن ۋېۋىسكا بىلەن مەخپىي ساقچى پونكىتى قۇرۇپ، يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۈچۈن ئىشلەپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بەلكىم FBI ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، تېخىمۇ كۆپ «Lu Jianwang» لارنى قولغا ئېلىشى مۈمكىن. ئامېرىكادا، تۈركىيەدە ۋە ياۋروپادا «Lu Jianwang» لار ئاز ئەمەس. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋىپ، دەل مۇشۇ «Lu Jianwang» لاردىن كېلىدۇ.