بۈگۈن 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ماۋ نىڭ ئۆلگىنىگە 50 يىل بولغان كۈن
بۈگۈن بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ماۋ ھەققىدە تۈرلىك خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى 1949-يىلى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تاجاۋۇز بىلەن ئىشغال قىلىۋالغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدوڭ 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆلگەن ئىدى.
ئۇنىڭ ھاياتىدا تۈرلىك سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، 50 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي پۇخراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. يالغۇز ئۇ قوزغىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىلا بىر يېرىم مىليون شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ قەدەر قاتىل بىر شەخس خىتايدا ھازىرغىچە قەدىرلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلى ھازىرمۇ مەۋجۇد.
شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، قانچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان شى جىنپىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندە ماۋغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىنى، پارتىيەنىڭ ھەممىگە ھۆكۈمرانلىقىنى، كېرەك بولسا بۇ ھۆكۈمرانلىقنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن مىليونلىغان ئىنساننى نابۇت قىلىش لازىملىقىنى ئالىي پىرىنسىپ قىلىپ سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. ھەر ئىككىسىنىڭ قاتىللىقى سىر ئەمەس. ئەمما بىرىنىڭ روھى، يەنە بىرىنىڭ ئۆزى ياشىماقتا.
