بۇ يىللىق نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتى Navi Pillay غا بېرىلدى
نورۋېگىيە نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى بۈگۈن 9-ئۆكتەبىر 2026-يىللىق نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ 85 ياشلىق جەنۇبىي ئافرىقىلىق سوتچى ناۋى پىللايغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى Jorgen Watne Frydnes بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ««بۇ يىللىق مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.»
پىللاي 2008-يىلى سېنتەبىردىن 2014-يىلى ئاۋغۇستقىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن؛ ئۇ جەنۇبىي ئافرىقا ئالىي سوتىدىكى تۇنجى ئاق تەنلىك بولمىغان ئايال سوتچى، شۇنداقلا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتچى ۋە رواندا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا رەئىس بولۇپمۇ خىزمەت قىلغان.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بىر دانە ئالتۇن مېدال، بىر پارچە گۇۋاھنامە ۋە تەخمىنەن 1.2 مىليون دوللارغا تەڭ كېلىدىغان نەق پۇل مۇكاپاتىدىن تەركىب تاپىدۇ. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 10-دېكابىر كۈنى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ بۇ كۈن مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تەسىسچىسى، شۋېتسىيەلىك ئىختىراچى ۋە خەير-ساخاۋەتچى ئالفىرېد نوبېلنىڭ 1896-يىلىدىكى ۋاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنىدۇر.
