بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق
ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى خىتايدا ھاكىمىيەت بېرىشىغا چىقىپ ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1966-يىلى 5-ئايدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى قوزغاپ، 10 يىل ئىچىدە ئۆزىگە قارشى ئىدىيەدىكىلەرنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. بەزى مەلۇماتلاردا، 50 مىليون ئىنسان ئۆلتۈرۈلگەن دېيىلىدۇ.
خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ھەممە بىلسىمۇ، 1966-يىلىدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 1.5 مىليون ئىنساننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بەلكىم كۆپىنچە ياشلار بىلمەيدۇ. بۇ تارىخقا بۇ يىل دەل 60 يىل بولدى.
بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن 50 يىل كېيىن باشلانغان يەنە بىر زور قىرغىنچھىلىقتۇر. بۇنى ئۇنۇتماسلىق-ئۇنتۇلدۇرماسلىق كېرەك!