بارغانسىرى قېرىۋاتقان خىتاي
شەرقىي تۈركىستاندا ئاخىرقى 10 يىلدىن بۇيان قانچىلىك ياشلارنىڭ تۈرمە ۋە لاگىرلاغا سولانغانلىقى، قانچىلىكىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ياشلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى بىزگە مەلۇم ئەمەس.
خەلقارا ئۆلچەمدە؛ ئەگەر نوپۇسنىڭ 10% ئىنى 60 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ياشتىكىلەر ئىگىلىسە، بۇ «قېرىلىشىۋاتقان جەمىيەت» ھېسابلىنىدىكەن. ئەگەر بۇ نىسبەت 20%-30% ئارىلىقىدا بولسا «ئوتتۇراھال قېرىلىشىش»قا كىرىدىكەن. ئەگەر 30% تىن ئېشىپ كەتسە » ئېغىر قېرىلىشىش» باسقۇچىغا تەۋە بولىدىكەن.
ھازىر خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا، شەھەر نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى قېرىلار ئىگىلىگەن بولۇپ، 2035 يىلىغا بارغاندا ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن ۋە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 33% ئى قېرىلار بولىدىكەن.
خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىشى 2050-يىللاردا يۇقۇرى دەرىجىگە يېتىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقى مۇتىخەسسىسلەر تەرىپىدىن بۇندىن 20-30 يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
