ئەنگىلىيە يەنە خىتاينىڭ چىشىغا تەگدى، ئەمما نەتىجىسى يوق
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خوڭكوڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن بۇيان، ھەر 6 ئايدا خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئايغا ئائىت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى، كۈزىتىش-نازارەت قىلىش سىستېمىلىرى، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەسىلىسى ۋە چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى قاتارلىقلارنى يەنە تىلغا ئالغان. بىراق بۇ قېتىمقى دوكلاتنىڭ تەلەپپۇزى، ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا يۇمشاقراق بولغان.
ئەمەلىيەتتە، ئەنگىلىيەنىڭ دوكلاتلىرى خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئەكسىچە، خوڭكوڭدىكى ۋەزىيەت يىلسىرى ناچارلىشىپ بارغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۆرىۋاتقان بېسىملار خوڭكوڭدا ئەمەلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. 2018-يىللىرى «بۈگۈنكى شىنجاڭ –ئەتىكى خوڭكوڭ» دەپ نامايىش قىلغانلار تامامەن كۆزدىن يوقالغان.
خىتاي بولسا، ئەنگىلىيەنىڭ بۇ خىلدىكى ئاقماس دوكلاتلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
