ئەنگىلىيەلىك 100 دىن ئارتۇق ئالىمنىڭ خىتايغا ئىشلەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى
ئەنگىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات 5-باشقارمىسىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى Z.AI (智谱) سۈني ئەقىل شىركىتىنىڭ 4 نەپەر قۇرغۇچىسىنىڭ خىتاي ھەربىي ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن زىچ ئالاقىسى باركەن ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىدار جايلاردىن مەبلەغ ئالىدىكەن.
دوكلاتتا، ئەنگىلىيەگە مەنسۇپ بولغان 100 دىن ئارتۇق ئالىمنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى سۈنىي ئەقىل شىركەتلىرىگە ئىشلەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ھەمدە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«كىمنىڭ ھارۋىسىغا چىقساڭ، شۇنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىسەن»؟
