«ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت»مۇ؟
ئەنگىلىيەلىكلەرنى «خىتاينىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن گەپنىڭ گۇمانلىنىدىغان يېرى قالماپتۇ. يالغۇز گېئوسىياسەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ۋە ئادەتتىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئەنگىلىيەلىكلەر گويا خىتاينىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدىغان بىر ۋەزىيەتتە ياشىماقتا.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى خەۋەردىن، ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ مەشھۇر مۇزىيلاردىن بىرى بولغان «ۋىكتورىيا ۋە ئالبېرت مۇزىيى» (Victoria and Albert Museum)نىڭ خىتايدىكى باسمىخانىلاردا ئۆز كاتالوگلىرىنى باستۇرۇش جەريانىدا يولۇققا قېيىنچىلىقلىرىنى، ئەنگىلىيەدىكى نەشرىياتلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي تەكشۈرۈشلىرىنى «موللا بوزەك» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغان, تارىخىي خەرىتىلەرنى، «تىبەتلەر» دېگەندەك خىتاينىڭ سىياسىتىگە توغرا كەلمەيدىغان نازۇك ئاتالغۇلارنى «لەببەي!» دەپ ئۆچۈرۈشكە ماقۇل بولغان بىچارە ھالىنى كۆرەلەيسىز.
تارىختا بۈيۈك ئىمپېرىيەلەرنى قۇرۇپ، 7 ئىقلىمغا ئاياق باسقان ئېنگىلىزلارنىڭ «خىتايدا باسما ھەققى ئەرزان» دەپ، كۆرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. ئۇلار «ئەپيۈن ئۇرۇشى» دەۋرىگىچە خىتايلارنىڭ بوينىغا مېنىپ كەلگەن بىر مىللەت ئىدى. خىتايلارنى ئادالەتسىز شەرتنامىلەرگە ئىمزا قويدۇرۇپ، قۇل ئورنىدا ئەزگەن بىر مىللەت ئىدى. بۈگۈن ئۇلارغا نېمە بولدى؟ ياكى «ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت» مۇ؟