ئۈچ قىزنىڭ ئاتىسى بولغان ئەكبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دىلوسى سوتقا چىققان
فرانسىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، 29-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ San Bernardino ناھىيەسىدە ئىككى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ساقچىلار ماشىنىنى توسقاندىن كېيىن جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئەكبەر ئابدۇشۈكۈر دىلوسى 5-ئاۋغۇست سوتقا ئېلىپ چىقىلغان.
ئەكبەرنى ئاتقان خىتاينىڭ ئىسمى Bo zhengféng بولۇپ، 67 ياش. ئۇ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن. سوتقا تارتىلغىنى، ئۇنىڭ ئىنىسى Bo jianchuan بولۇپ, 60 ياش. ئۇ جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىشتىن باش تارتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەكبەر بىلەن بۇ خىتايلار بىر كۆچمەس مۈلۈك شىركىتىدە بىللە ئىشلەيدىكەن. ئەكبەر ئۇلاردىن 2 مىليون دوللار قەرز ئالغان ۋە پۇلنى قايتۇرالمىغان. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا 20 مىليون دوللارلىق بىر تۇرالغۇ ماجراسى بار ئىكەن.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.rfi.fr/cn/%E7%A4%BE%E4%BC%9A/20260805-%E5%8A%A0%E5%B7%9E%E6%B6%89%E7%BB%91%E6%9E%B6-%E5%9C%A8%E7%BE%8E%E8%AD%A6%E5%AF%9F%E9%9D%A2%E5%89%8D%E8%A1%8C%E5%88%91%E5%BC%8F%E8%B0%8B%E6%9D%80%E6%A1%88%E4%B8%AD%E7%9A%84%E8%A2%AB%E6%8D%95%E5%AB%8C%E7%96%91%E4%BA%BA%E9%A6%96%E6%AC%A1%E5%87%BA%E5%BA%AD%E6%8B%92%E4%B8%8D%E8%AE%A4%E7%BD%AA?fbclid=IwY2xjawTgBiVwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEeqtGraKVBj_ppUEy4j0pDzw0dg4i93MdYrTn67HK5Pk7fPdTYEEmikfTKXJ8_aem_uZQ_Q3fdw2CGryDQxZip4A
