ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا
ئاپرىلنىڭ 9-كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزالارنى يىغىۋېلىشغا ئائىت يېڭى دەلىللەر توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
يىغىن ئەھلى ئىچىدە «شىنجاڭ تەرتىپى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى Ethan Gutmann، «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش قانۇن لايىھىسى»نىڭ تۈزگۈچىسى، پارلامېنت ئەزاسى Chris Smith ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەركىزىدىن Nina Shea قاتارلىقلار بار.
مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىق خاتىرىلەنگەن بىر تەرىپى. «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش قانۇن لايىھىسى» ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللاندى ۋە ھازىر كېڭەش پالاتاسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۇنى دەرھال يولغا قويۇش كېرەك.