ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر كانادادا
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھوقۇقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى، دۇق مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتاي ئەركىن قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر 22-ئاپرىل كانادا پايتەختى ئوتتاۋادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان C-251 قانۇن لايىھەسىنى قوللاش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلەردە بولدى.
ئۇلار كانادانىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزدى. رۇشەن خانىم يىغىن جەريانىدا كانادا پارلامېنت ئەزاسى Ali Ehsassi، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى Lobsang Sangay ۋە كانادا پارلامېنت ئەزاسى Karim Bardeesy قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى كۆرەشلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولدى.