ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى
مەركىزى ۋاشىڭتوندا بولغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 28-ئاپرىلدىن 7-مايغىچە ھىندونىزىيەنىڭ بىرقاچە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى.
ئۇلار خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىپ، كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلدى ۋە يەرلىك پۇخرالار تەشكىلاتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان چۇڭقۇر ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يوگياكارتادىكى مۇھاممادىياھ ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەتلىك ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى، مېدان شەھرىدىكى ئال ۋاشلىياھ مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە نۇتۇقلار سۆزلىدى. ھىندونىزىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھىندونىزىيە دىنىي ئىشلار مىنىستېرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، ئىسلامنىڭ دۈشمىنى، يەرشارىنىڭ بۈيۈك ئاپىتى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاڭلاتتى.
ئۇلار جاكارتادىكى ئىستىقلال مەسچىتىنىڭ ئىمامى ناسارۇددىن ئۇمار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ دىنىي ئىشلار مىنىستېرلىكىدىكى يېڭى ۋەزىپىسىنى قۇتلۇقلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەردى.
10 كۈن داۋام قىلغان بۇ زىيارەت ئالىي مەكتەپلەردىكى نۇرغۇنلىغان ھىندونىزىيەلىك ياشلارنىڭ قەلب رىشتىنى شەرقىي تۈركىستانغا باغلىدى. خىتاي ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرىنى ھىندونىزىيەگە كىرگۈزمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ ھىندونىزىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش يولىدىكى نومۇسسىزلارچە ئۇرۇنۇشلىرى رەسۋالارچە مەغلۇپ بولدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ، NED ﻧﯩﯔ ﮪﻪﻱﺋﻪﺕ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «تې ھىل» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﺮﺍﻣﭗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىدىن Dick Durbin ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سودا،

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى 11-ماي Lafayette مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ترامپتىن ھەدىسى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشان ئابباس ۋە يۇقىرى دەرەجىلىك سىياسەت ئىشلىرى مۇدىرى Franz Matzner، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىقلارلار، Xudson inistituti

لابۇبۇ قورچاقلىرى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى رەزىل ھەقىقەت ئېلان قىلىندى

«لابۇبۇ قورچاقلىرى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى رەزىل ھەقىقەت» ئېلان قىلىندى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «لابۇبۇ قورچاقلىرى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى رەزىل ھەقىقەت» ناملىق