ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ «تور بىخەتەرلىكى ۋە دىگىتال ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گۇۋاتېمالاغا باردى.
گۇۋاتېمالادا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۇنجى زىيارەت، ئۇلارنىڭ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.