«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەپتىلىكى»نىڭ ئىككىنچى كۈنى-خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى
دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كېلىپ ۋاشىنگتونغا جەم بولغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى دېكابىرنىڭ 9-كۈنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى»نى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
دېكابىرنىڭ 10-كۈنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەپتىلىكى»نىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى. بۇ كۈن «خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» بولۇپ، پائالىيەتتە ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا دائىر تېمىلاردا قىممەتلىك پىكىرلەر بايان قىلىشتى.