ئۇيغۇرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان ئۆيىدە ستاربۇككس دۇكان ئاچىدۇ

ئۇيغۇرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان ئۆيىدە ستاربۇككس دۇكان ئاچىدۇ
بۇ Starbucks نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت باشلىشى، بۇرۇندىنلا قارشىلىقلارغا دۇچار بولغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن قاسىم قەشقىرىنىڭ «كۆزەت» ئۈچۈن ھازىرلىغان دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان Starbucks نىڭ يېڭى دۇكىنى ئەسلىدە 2019-يىلى ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان بىر ئۆي-ماكان مۈلكى ئىكەن.