ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە
خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباسلار 14-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىغا قاراتقان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن بېسىملىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىك قىممەت قاراشلار ۋە خەلقارا نىزاملارنىڭ بىۋاستە خىتاي تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى.