ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا
خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباسلار 15-ئاپرىل كۈنى ئاقسارايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇلار ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەھدىت ۋە نازارەتلىرىدىن جىددىي قوغداش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە، دېموكراتىيەنىڭ ئاساسىي تۈۋرىكىگە ۋە ئامېرىكادا ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا بىۋاستە تەھدىت شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.