ئۇكرائىنادا ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا سېتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان

ئۇكرائىنادا ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا سېتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان

فرانسىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي 14-ئاپرىل ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان. ئۇلار ئۆز ئىقرارلىرىدا رۇسلارغا پۇل ئۈچۈن سېتىلغانلىقىنى ۋە رۇسلار تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە ئىشنىڭ رۇسلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەسلىكىنى، ئۇرۇشنىڭمۇ كىنولاردا كۆرگەندىكىدەك ئەمەسلىكىنى، خىتاي پۇخرالىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىشقان.

ئىككى خىتاي ئەسىر سۆزلىرىدە، رۇسىيەنىڭ ئۇقەدەر كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭمۇ ئۇقەدەر ئاجىز ئەمەسلىكىنى، ئۇرۇشقا كىرگەندىن كېيىن، رۇسلارنىڭ ھەر ئايدا 200 مىڭ رۇپىيە بېرىش ۋەدىسىنىڭ يالغان بولۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇكرائىنا پرىزدېنتى سېلىنىسكى ئىلگىرى تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا خىتاينىڭ ئالدىنقى سەپتە رۇسلار ئۈچۈن ئۇرۇشىۋاتقانلىقىنى ئېيىتقان بولسىمۇ، ھازىرقى مەلۇماتلاردا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەڭەن.

ئەمما ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان بۇ خىتايلارنىڭ راستلا پۇلغا سېتىلغانلارمۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپىي كىرگۈزگەن ئەسكەرلەرمۇ، بۇ ھەقتە تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق.

 

https://www.rfi.fr/cn/%E5%9B%BD%E9%99%85/20250415-%E5%9C%A8%E4%B9%8C%E8%A2%AB%E4%BF%98%E4%B8%A4%E5%90%8D%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E7%94%B7%E5%AD%90%E5%87%BA%E5%B8%AD%E8%AE%B0%E8%80%85%E4%BC%9A-%E6%88%91%E4%BB%AC%E9%83%BD%E6%83%B3%E5%9B%9E%E5%88%B0%E7%A5%96%E5%9B%BD

 

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺗﺒﯘ’ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ 11-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﻭﻛﻼﺕ»

خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە

«خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى»نىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە مەركىزى لوندۇندا بولغان <<Impact international>>نىڭ 11-ئاپرىلدىكى «خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى: ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى بارغانسىرى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا ئاپرىلنىڭ 9-كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزالارنى يىغىۋېلىشغا ئائىت يېڭى دەلىللەر توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتناشتى. يىغىن

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 100.000 (يۈزمىڭ) كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچكىي ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار گۇۋاتېمالادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ «تور بىخەتەرلىكى

رۇشەن خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» كانادادا

رۇشەن خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» كانادادا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى 22-ئاپرىل ئوتتاۋادىكى