ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ساخاروف مۇكاپاتى بۇ يىل خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتىغا بېرىلدى
ياۋروپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى «پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن ساخاروف مۇكاپاتى»نىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICC)غا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر سوت نۆۋەتتە دونالد ترامپنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئورگانغا بولغان قەتئىي قوللىشىنى قايتا تەكىتلىدى.
باش شتابى گوللاندىيەنىڭ گاگا شەھىرىدە بولغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ 125 ئەزا دۆلىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئۇرۇش جىنايەتلىرى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ۋەھشىيلىكلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن شەخسلەرنى سوتلاش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ مەزكۇر سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدە تۇرماقتا.
خىتاي تۈرمىسىدىكى ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان ساخاروف مۇكاپاتىغا 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
