ئىشىخارا شىزۇكا: تەيۋەن ئەسلا خىتاينىڭ بىرقىسمى ئەمەس!
خىتاي تەرىپىدىن «خائىن»، «ۋەتەن ساتقۇچى» دەپ ئەيىپلىنىپ كەلگەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىشىخارا شىزۇكا 6-يانۋاردىن باشلاپ تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىغان. 2025-يىلى سېنتەبىردا خىتاي ھاكىمىيىتى ئىشىخارا شىزۇكاغا «تەيۋەن، شىنجاڭ، تىبەت، خوڭكوڭ … مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىقى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەنلىكى» ئۈچۈن جازا ئېلان قىلغان.
ئىشىخارا شىزۇكا تەيۋەن زىيارىتى ئەسناسىدا «تەيۋەن ئەسلا خىتاينىڭ بىرقىسمى ئەمەس!»، «جۇڭخۋا مېنگو بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى دۆلەت» دېگەن.
ﺋﯩﺸﯩﺨﺎﺭﺍ ﺷﯩﺰﯗﻛﺎ ( Ishihara shizuka) 1962-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﭽﯜﺋﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﯖﺪﻭ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﻳﺎﭘﻮﻥ ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ. 1989-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻴﻪﻥﺋﯧﻨﻤﯩﻦ ﻗﯩﺮﻏﯩﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ. 2007-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﮔﺮﺍﺟﺪﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ 18 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻳﺎﺳﯘﻛﯘﻧﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﻪﻡ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ، ﮪﻪﻡ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﺧﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ „ﺧﺎﺋﯩﻦ، ﯞﻩﺗﻪﻧﺴﺎﺗﻘﯘﭼﻰ“ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯩﺸﯩﺨﺎﺭﺍ ﺷﯩﺰﯗﻛﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ، „ﯞﻩﺗﻪﻥﮔﻪ ﺋﺎﺳﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺳﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ!“ ﺩﯦﮕﻪﻥ.