ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئورگانلاردا «DeepSeek» نى ئىشلىتىشنى چەكلىدى
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (19-چېسلا) بىر بۇيرۇق چىقىرىپ، ئامېرىكىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن خىتايدا ئىشلەنگەن سۈنئىي ئەقىل مودېلى «DeepSeek» نى، شۇنداقلا «DeepSeek» قا ئاساسلانغان ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق سىستېما ياكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز كومپيۇتېر تورلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ بۇيرۇق يەنە مەزكۇر ئورگانلارنىڭ كەلگۈسىدە بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىنىمۇ چەكلەيدۇ.
ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قاتارلىق بىر قانچە ئورگانلار ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە «DeepSeek» نى ئىشلىتىشنى ئاللىبۇرۇن چەكلىگەن ئىدى. نيۇ-يورك ۋە تېننېسسى قاتارلىق بىر قانچە شىتاتلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان. بۇ يېڭى بۇيرۇق چەكلىمىنى بارلىق ھۆكۈمەت ساھەلىرىگىچە كېڭەيتتى. بىراق، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى (State Department) قارمىقىدىكى ئورگانلار بۇ يېڭى چەكلىمىدىن مۇستەسنا قىلىندى.
