ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم (UNESCO) دىن چېكىنىپ چىقتى
ئامېرىكا 1984-يىلى ب د ت نىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) دىن چېكىنىپ چىقىپ، 2003-يىلىغا كەلگەندە قايتىدىن كىرگەن.
ترامپ تۇنجى قېتىم پرىزدېنت بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا 2018-يىلى (UNESCO) دىن يەنە بىر قېتىم چېكىنىپ چىقىپ، 2023-يىلى جوۋ بايدېن دەۋرىدە قايتىدىن كىرگەن.
2025-يىلى 22-ئىيۇل ترامپ 3-قېتىم (UNESCO) دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سەۋەب: «ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپىئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس!»
ئامېرىكا (UNESCO)نىڭ مەبلىغىنىڭ 8% ئىنى تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا چېكىنىپ چىقسا، بۇ ئورۇننى خىتاينىڭ چاڭگىلىغا كىرگۈزىدىغانلىقى ئېنىق.