ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى
ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپنىڭ چەت ئەل تاۋارلىرىغا قويغان تاموجنا بېجى جازاسىنىڭ مۇددىتى 7-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىك ئىشخانىسى (USTR) 1974-يىلىدىكى سودا قانۇنىنىڭ 301-ماددىسىغا بىنائەن، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىنى توسۇشتا مەغلۇپ بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، كانادا، تەيۋەن قاتارلىق 15 دۆلەتكە 10%، خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق 45 دۆلەتكە 12،5% لىك تاموجنا بېجى قويۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باشقا دۆلەتلەرگە قويىدىغان باجنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن.
بۇ 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قويىدىغان تاموجنا بېجى جازاسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. بىراق ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى دۇنيا مىقياسىدا ھازىرمۇ 27 مىليون 600 مىڭ ئادەمنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
يۇقۇرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان «60 ئىقتىسادىي گەۋدە»نىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي بىلەن قويۇق تىجارىي مۇناسىۋېتى بار. خىتايدىن باشقا ھەممىسى دېگۈدەك ئالدىنقى قاتاردىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە يارالغان مەجبۇرىي ئەمگەك تاۋارلىرى ئىكەنلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىك ئىشخانىسى(USTR) ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقى ۋە شىكايەتلىرىدىن خەۋەردار.