ئامېرىكا كونگرېسسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى چەكلىنىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Chris Smith «خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كونگرېسدا ئىشلىتىشنى چەكلەش قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنىڭ مەۋجۇدلىقى بايقالغانلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Chris Smith مەزكۇر قانۇننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كونگرېس يىمەكخانىلىرىدا خىتايدىن كىرگەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈنلەش چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان.
