ئامېرىكا دېپلوماتىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ «دېپلومات»(The Diplomat)ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدا، ئامېرىكانىڭ دېپلوماتىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى ئاجىزلىتىش، قورقۇنۇچ ھەم خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئانالىز قىلىنغان.
