ئامېرىكا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلامدۇ؟
مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، مارتنىڭ 15-كۈنى پارىژدا ئامېرىكا-خىتاي سودا ساھەسىنىڭ سۆھبىتى باشلانغان. ئىككى كۈنلۈك بۇ سۆھبەت ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرى باشلىنىدىغان سۆھبىتىنىڭ ئالدىن تەييارلىقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما مەزكۇر سۆھبەتتىن ئىلگىرى، ۋاشىنگتون خىتاي قاتارلىق 16 دۆلەتنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى» مەسىلىسى بىلەن خىتاينى ئۆز ئىچىغە ئالغان 60 دۆلەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. بۇ تەكشۈرۈش «ئىككى تەرەپ سۆھبىتىگە كۆلەڭگۈ تاشلىغان ئامىل» دەپ قارالغان ۋە خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
پرىزدېنتى ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش-قويۇلماسلىقى ئېنىق ئەمەس. ترامپ، ئەگەر خىتاي ھورمۇز بۇغۇزىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارمىسا، بۇ سۆھبەتنىڭ كېچىكىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.