ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى كۈچەيىتمەكتە
ئامېرىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، تاموجنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە چىگرادا تۇتۇپ قالغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق كۈنتاختالارنىڭ قىممىتى 5 مىليون 700 مىڭ دوللار بولغان بولسا، 6-ئاي ئىچىدىكىسى 15 مىليون 700 مىڭ دوللار بولغان.